جەنۇبىي كورىيە سەنئەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى قارشىلىققا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.27

جەنۇبىي كورىيەدىكى داڭلىق بىر سەنئەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق بىر خىتاي تېخنىكا شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى جەنۇبىي كورىيەلىك سەنئەت مەستانىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەلىك سەنئەت مەستانىلىرى جەنۇبىي كورىيەنىڭ داڭلىق چولپان K-پوپ سەنئەت گۇرۇپپىسىدىكى ئېخو، NKT، شىنې، دەرىجىدىن تاشقىرى ياشلار، قىز ئەۋلاتلار قاتارلىق ياش-ئۆسمۇر سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنى «MS سەنئەت شىركىتى» گە بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

ھالبۇكى، «MS سەنئەت شىركىتى» چولپان K-پوپ گۇرۇپپىسىدىكى يۇقىرىقى ياش-ئۆسمۇر سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەن. خەۋەردە بايقۇت چاقىرىغا بۇ شىركەتنىڭ ياش-ئۆسمۇر سەنئەتچىلەرگە بەرگەن مۇئاشى شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي تەخنولوگىيە شىركىتى «كېدا شۈنفېي» بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«كېدا شۈنفېي» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش ۋە باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2019-يىلى شۇ سەۋەبلىك بۇ شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «MS سەنئەت شىركىتى» بۇ يىل 10-نويابىر «كېدا شۈنفېي» بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ تىۋىتتېردا «MS سەنەت شېركىتى» نى بايقۇت قىلىش ھەركىتى قوزغالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.