«ۋال-سىترىت» تا تىزىمغا ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا ئامېرىكانىڭ سەرمايە بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-16
Share

ئامېرىكانىڭ CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە، 2024-يىلغا بارغاندا نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا پېرېۋوت بازىرىدا سەرمايىگە ئېرىشىشتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ئالىقاچان خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىدا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشلىغانلىقى مەلۇم. ئۇلار خىتاينىڭ ئەلى بابا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى JD.com، ئىزدەش ماتورى «بەيدۇ»، تور ئويۇنى شىركىتى NetEase ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى «ۋېيبو» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە دىيىلىشىچە، ھەرقانداق بىر شىركەت ئامېرىكانىڭ «ناسداك» ياكى «نيۇ-يورك ئاكسىيەسى» قاتارلىق پېرېۋوت بازىرىدىن ئورۇن ئالالمىسا، بۇ ئۇنىڭ كەڭ سېتىۋالغۇچىلار، ساتقۇچىلار ۋە ۋاسىتىچىلار توپىغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ئامېرىكادىكى مۈلۈك باشقۇرۇش شېركىتى بولغان TCW گورۇھىنىڭ بازار تەتقىقات مەركىزى دېرىكتورى داۋىد لوۋىڭگېر 15-دېكابىر كۈنى CNBC مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە: «مېنىڭچە، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىگە نىسبەتەن، بۇ ماھىيەتتە ‹ئويۇننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى› دىن دېرەك بېرىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى بۇ ئايدا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكادا بازارغا سېلىنىدىغان چەتئەل شىركەتلىرى ئەگەر ئامېرىكانىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمىغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى سودىسىنى چەكلىشىگە ھوقۇق بېرىدىغان قانۇننى يولغا قويۇش قائىدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

مەزكۇر قانۇن 2020-يىلى خىتاينىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى شىركەتلەر بوغالتىرلىق نازارەت ھەيئىتىنىڭ ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان ۋە سودا قىلىدىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغاندىن كېيىن، ماقۇللانغان ئىكەن.

لوۋىڭگېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكانىڭ ئۆز شېركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تېزلا ياخشىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، «كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا بۇنى ھەل قىلىدىغان يول يوق» ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىن چىقىپ كېـتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت