ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە بىر تۈركۈم ھالقىلىق شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-18
Share

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 18-دېكابىر ئامېرىكانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك» خىتاينىڭ يەنە بىر تۈركۈم ھالقىلىق تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ «خەلقئارا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىرىش گۇرۇھى» -SMIC، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىش شېركىتى بولغان «شېنجىن داجاڭ يېڭىلىق يارىتىش تېخنولوگىيە چەكلىك شېركىتى» -SZ DJI قاتارلىق 60 دىن ئارتۇق كارخانىسى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 18-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ھەرىكەتكە خىتاينىڭ ھەربىي-خەلق ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش تەلىماتى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىرىش گۇرۇھى بىلەن خىتاي ھەربىي سانائەت ساھەسىگە ئالاقىدار بەزى ئورۇنلار ئارىسىدىكى پائالىيەتكە دائىر دەلىللەر تۈرتكە بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، «قارا تىزىملىك» تىكى قالغان شىركەتلەر «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغان، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشى، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنىشىغا ياردەم بەرگەن، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پروگراممىسىنى قوللاش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئامېرىكانىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان شەخس ۋە ئورۇنلار» ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىلگىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقان داخۇا، خەيكاڭ قاتارلىق خىتاي تېخنولوگىيە كارخانىلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بۇ شېركەتلەرنىڭ «ئىلغار ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، كۈنسېرى ئەسەبىيلىشىۋاتقان رەقىبىنىڭ ئارمىيە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت