خىتاي سېنكاكۇنى ئۆزىنىڭ قوغداش رايونىغا كىرگۈزگەن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى نارازلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى ئاراللار گۇرۇپپىسىنى ئۆزىنىڭ قوغداش رايونىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە رايونى خەرىتىسىگە قارىغاندا، شەرقىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە نۆۋەتتە ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قوغدايدىغان بەلۋاغ ئىچىگە ئېلىنغان.

ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇنىچى ئىھارا خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خەن جىچىياڭغا تېلېفون قىلىپ، ئېتىرازلىق بىلدۈرگەن.

ۋازارەت ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇنىچى ئىھارا خىتاي ئەلچىسىگە ياپونىيەنىڭ خىتاي تۈزۈپ چىققان مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە رايونى خەرىتىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلىقىنى «بەك خەتەرلىك» دەپ كۆرسەتكەن.

«كيودو» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ ياڭخۇانى دۈشەنبە كۈنى چاقىرتىپ، ياپونىيەنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرىدىكەن.

سېنكاكۇ ئارىلى ئىككى تەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسەللەردىن بىرى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي مەزكۇر رايونغا تەكشۇرشۇرۈش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن، ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.