كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبچىسى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.03.30

30-مارت، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز قولى بىلەن ئۇيغۇر تېررورلۇقىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى قاتارلىق مۇھىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايون ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە چىڭىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «ساقچى دۆلىتى» تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» قاتارلىق تېررور تەشكىلاتلىرىغا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىمۇ قوينىغا ئالىدىغان بىر شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ھەقىقەتەن مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا باغلىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى «ساقچى دۆلىتى» سىياسەتلىرى بىلەن ئاخىرى بېرىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا ئۆز قولى بىلەن شارائىت يارىتىپ بەردى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر بېسىم سىياسىتىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىققا ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.