كرىستوفېر پاتتېن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى قىرغىنچىلىقتۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.30

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ بۇنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى تۇشمۇتۇشتىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. 29-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىكى سابىق ۋالىسى كرىستوفېر پاتتېن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتتى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كرىست پاتتېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن قوللانغان بىر قىسىم ۋەھشىيانە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ھەققىدە بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىشلىگەن خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا شىنجاڭدىكى بۇ ئەھۋال قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، كرىستوفېر پاتتىن 1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە خوڭكوڭنىڭ ئاخىرقى ۋالىسى بولغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ئاخباراتلىرىدا «پېڭ دىڭكاڭ» دېگەن نامدا ئاتالغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.