خىتاي سودا سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقىي سودىسىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.27

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي سودا سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقىي سودا پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە «مەملىكەتلىك سودا سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى» نى چاقىرغان. يىغىندا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ ئالاھىدە سۆز قىلىپ: «سودا سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتايدىكى ۋىرۇس ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قاتتىق كونتروللۇق سەۋەبىدىن چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىشى بەكمۇ ئېغىر بولماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو چارىلىرىنى ئىجرا قىلىشىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىش سۈرئىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلەپ كەلگەن ئىكەن. شۇڭا نۆۋەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ۋاستە قىلغان ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىشنى قىسمەن بولسىمۇ ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن،» دېگەن تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.