خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە «كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە ئېپى» قوللىنىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە «كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە ئېپى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تىللارنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ، خىتايچىغا تەرجىمە قىلىدىغان بىر خىل يېڭى يۇمتالنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي تارتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۇمتال سوت مەھكىمىلىرىدە «خىتاي دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتىدىكەن».

«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان بۇ ئەپنىڭ نۆۋەتتە رايوندىكى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاينىڭ بۇرچىن ناھىيەسى ۋە باشقا جايلاردىكى 298 تېخنىكا سوت مەھكىمىسىدە ئومۇملاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەپنى رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىگە سەپلىشى، دېلو سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دائىرىلەر سوتلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن نورمال تەرجىماننىڭ ئورنىغا بۇ خىل ئەپنى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇچۇر تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىڭ، بۇ ئەپ: «كۆپ خىل تىللارنىڭ تېكىستىنى تېز تەرجىمە قىلىپ، ھۆكۈمنامە، ھۆججەت ۋە ھەر خىل دەۋا تېكىستلىرىنىڭ تەرجىمە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ، 19 بەتلىك بىر قازاقچە ھۆكۈمنامىگە بۇرۇن 1-2 كۈن ۋاقىت كەتسە، ھازىر بۇ ئەپ بىلەن پەقەت 6 دىن 10 سىكۇنتقىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماپ، ئۇلارنى قانۇن-نىزامنىڭ سىرتىدا جازالىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سوت قىلمايلا قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بىلەن «كېدا شۈنفېي» ناملىق بىر پاي چېكى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.