خىتا - تەيۋەن پرېزىدېنتلىرى سىنگاپوردا ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.11.07

7 - نويابىر خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ سىنگاپوردا ئۇچراشتى. مەزكۇر ئۇچرىشىش خىتاي ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «بىر تارىخىي ئۇچرىشىش» دەپ ئاتالدى. بۇ ئىككى تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى.


BBC دا نەقىل قىلىشىچە، سۆھبەتتە شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «بىزنى ھېچقانداق كۈچ ئايرىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى بىز رىشتىمىز باغلانغان ئۇرۇق - تۇغقانمىز. قان سۇدىن قويۇقتۇر.»

ما يىڭجيۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا خىتاي ئەۋلادلىرىمىز. بىز ھەمكارلىشىشىمىز، خىتاي مىللىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ پرېزىدېنتلىرى سىنگاپوردا ئۇچراشقاندا ئىلگىرى ئېيتىلغاندەك بىر بىرىنى «ئەپەندىم» دەپ ئاتاشقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە رەسىمگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن سورۇنغا ۋە ئۈستەل ئۈستىگە ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ دۆلەت سىمۋولى بولغان دۆلەت بايراقلىرىمۇ قادالمىغان.

1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ رەھبىرى جاڭ جېيشى بىر مىليوندىن ئارتۇق ساداقەتمىنىنى ئېلىپ تەيۋەنگە بېرىۋالغان.

تەيۋەن شۇندىن ئېتىبارەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى تا ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان.

2008 - يىلى خىتاي ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم رەسمىي ھۆكۈمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىپىدىكى پرېزىدېنتلىرى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش 66 يىلدىن بۇيان خىتاي - تەيۋەن ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى.

خىتاي - تەيۋەن پرېزىدېنتلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۆرۈشۈشى يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت ۋە پرېزىدېنتى سايلىمىنىڭ ئالىدىغان توغرا كەلدى.

بەزى مۇلاھىزىلەردە نۆۋەتتىكى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ تەيۋەندە تېخىمۇ كوپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىشى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

4 - نويابىردىن باشلاپلا تەيۋەن مۇستەقىللىقنى ياقىلىغۇچى كىشىلەر تەيبېي كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ، «ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى» نى توختىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 - نويابىر يەنە 400 گە يېقىن كىشى تەيبېي كوچىلاردا ئايلىنىپ نامايىش قىلىپ، شى - ما ئۇرۇشىغا ئېتىراز بىلدۈردى. بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا «ما يىڭجيۇ تەختتىن چۈش»،«تەيۋەن مۇستەقىللىقنى قوللايمىز» دېگەنگە ئوخشاش پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى.

بۇ خىلدىكى نامايىشلار 2014 - يىلى مارتتىمۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار تەيۋەننىڭ بارغانچە خىتايغا ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە تەيۋەندە ما يىڭجيۇنىڭ «گومىنداڭ» پارتىيەسىنى قوللاش سۇسلىغان، ئەكسىچە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» نى ياقىلاش ئېقىمى كۈچەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.