خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتى» نى باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.28

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ يىل مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى مۇسابىقىسى» نى ئۇيۇشتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۆتكەن يىلىدىن باشلانغان شۇ تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى ئىكەن. 29-مارتتىن ئېتىبارەن، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە قازاقچە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

«جۇڭگو چۈشى» نى تەرغىب قىلىپ، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش تېما قىلىنغان مەزكۇر سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەر،ناھىيەلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بىردەك ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلار ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەرنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سالمىقىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق باستۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي تەشۋىقات ۋاستىسىنىمۇ تەڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.