خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تەشۋىقاتى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا جاڭ چېنياڭ ئىسىملىك بىر خىتاي كوماندىرنىڭ «تېررورچىلار» بىلەن جەڭ قىلىپ، بارماقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جاڭ چېنياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى 5-تارماق ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۇبتىكى مەلۇم جايدا ئاتالمىش «تېررورچىلارنى قورشاپ يوقىتىش» ئوپېراتسىيەسىدە، قارشى تەرەپنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان قول بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، سول قولىنىڭ بارماقلىرى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «2015-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ساقچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا تېررورچىلارنى قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. تېررورچىلار مەھەللىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، ساقچىلارغا پارتىلىغۇچ ئېتىپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ ‹يەرلىك بومبا› لارنىڭ زەربىسى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ساقچىلارنىڭ گۆش بىلەن قاندىن پۈتۈلگەن بەدىنى ئۇنىڭغا چىداشلىق بېرەلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. جاڭ چېنياڭ ئاخىر ساقچىلارنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئېتىلغان پارتلىغۇچىلارنى تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ ئاتتى، ئەمما بىرسى قولىدا تۇرۇپلا پارتىلاپ كەتتى».

بۇ خەۋەردە تەشۋىق قىلىنىشىچە، جاڭ چېنياڭ 2020-يىل ئۆزى تەلەپ قىلىپ، توقسۇن ناھىيەسىگە بېرىپ ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. ئۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا 2 مىليوندىن كۆپ ماشىنا، 1مىليون 300 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئادەمنى قاتتىق تەكشۈرگەن. 10 نەپەر «جىنايەت گۇماندارى» نى تۇتقان.

بۇ خەۋەردىكى ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 2016-يىللارغىچە داۋام قىلغانلىقى ۋە خېلىلا كەسكىن بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2001-يىلدىن بېرى «تېرورلۇق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولسا، 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا «تېررورچى»، «دىنىي ئاشقۇن» دېگەندەك بىر قاتار قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇنغا تور سالغان. قىزىقارلىقى شۇكى، يېقىندىن بۇيان سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان تەشىۋىقاتلىرىدا «5 يىلدىن بۇيان رايوندا تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈز بېرىپ باقمىدى دېگەن» خىتاي، ئەمدىلىكتە «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش» تەشۋىقاتىنى يەنە بازارغا سالماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جاڭ چېنياڭنى «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قەھرىمانى» قىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى، ئەنە شۇ تەشۋىقاتنىڭ بىر مىسالى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت