خىتاي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تايلانداقا تەشەككۈر ئېيتقان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-07-20
Share


«باڭكوك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 17 - ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايغا بېرىپ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 109 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇزۇنغا قالماي خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشەككۈرئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە تايلاند دائىرىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدىن 109 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ، خەلقئارالىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن.

تايلاند باش مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى ئۆز دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خادىمىنىڭ خىتايغا بېرىپ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى تايلاند خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى سانسېرن كاۋكامنېرد مۇندا دېگەن «خىتاي تايلاندنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا يوسۇنلارغا بوي سۇنغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا تايلاند تەرەپكە نېمە دەپ ۋەدە بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئەمما خىتايلار 109 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا بۇلارنى «چەتئەللەردە قانۇنسىز قاچقان جىھادچىلار» دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى.

تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت