خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 30 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقارغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-27
Share


«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئىشلەپ چىقىرىلغان تەبىئىي گاز 30 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل قاراماي، تارىم، تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكلىرىدىن ئېلىنغان ئومۇمىي تەبىئىي گاز مىقدارى جەمئىي 30 مىليارد 50 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى نېفىتلىكلەردىن ئۆتكەن يىلى ئېلىنغان ئومۇمىي تەبىئىي مىقدارى 29 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ 22 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىشنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز سانائىتى ۋە رايوندىكى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.»

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ 22 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2004 - يىلىدىن بۇيان «شەرقىنىڭ گازىنى غەربكە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىدىن شەرققە توشۇلغان تەبىئىي گازلار خۋاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 15 ئۆلكە، شەھەردىكى 400 مىليونغا يېقىن خىتاي ئاھالىسى ۋە 3 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كارخانىسىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت