ئامېرىكادا خىتاينى «تەھدىت» دەپ قارايدىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ نىسبىتى كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-04-28
Share

28-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان پېۋ تەتقىقات مەركىزى (Pew Research Center) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكادا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراش يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، 82 پىرسەنت ئامېرىكالىقنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشى مەلۇم دەرىجىدە مەنپىي ياكى ئىنتايىن مەنپىي ئىكەن.

تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم قۇرامىغا يەتكەن ئامېرىكالىقلار خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكاغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

بۇ يېڭى ئىستاتىسكا دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر، 62 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتاينى «رىقابەتچى» دەپ قارىسا، 25 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قارايدىكەن. بۇ يىل 1-ئايدىكى ئىستاتىسكىدا خىتاينى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى 35 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن بولغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىستاتىسكىدا بۇ نىسبەت بىراز تۆۋەنلىگەن.

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى لاۋرا سىلۋېر (Laura Silver) نىڭ «ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورى (usnews. com) غا ئېيتىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر رۇسىيەنى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ نىسبىتى بۇ يىل 1-ئايدىكى 41 پىرسەنتتىن ئېشىپ، 70 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رەسمىي دۆلەت قاتلىمىدىمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نۇرغۇن ساھەلەردە قاتتىق جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئوستىن خىتاينى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك خىرىس، دەپ ئاتىغان ئىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسى ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 62 پىرسەنتىمۇ خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىشى ۋە موسكۋا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە، دەپ قارىغان.

لاۋرا سىلۋېر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى 4 يىلدا ئامېرىكادا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلار داۋاملىق ئۆرلەپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزگىرىۋاتقىنى پەقەت ئۇنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ئىكەن. بۇنداق ئامىللار ھەر قېتىمدا ۋەزىيەتكە قاراپ تۇرۇپ ئۆزگىرىپ ماڭىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت