ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.08

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبىرى كەۋېن مىككارتى 7-ماي كۈنى جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «خىتاي تەھدىتى» گە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كەۋېن مىككارتى 7-ماي تۋىتتېردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «دۆلىتىمىز مەيلى سىياسىي داۋالغۇشتىن بولسۇن ياكى ئىرادىنىڭ بوشلۇقىدىن بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا، بېشارەت ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بىۋاسىتە تەھدىتلەرگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سەل قاراپ كەلدى،» دېگەن.

مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانى قالايمىقان قىلىۋەتكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە قۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس يۇقۇمغا ئايلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دۆلەت ئىچىدىكى قاتناشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ھاۋا قاتنىشىنى توختاتماي يۇقۇمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىشىغا يول ئاچقان. بۇ خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغان ئىدى.

كەۋېن مىككارتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ «پۈتۈن تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش» ئىكەن. ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا قارىتا تەسىرىنى كېڭەيتىشى، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى، ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق تەمىنات زەنجىرلىرىنى مونوپول قىلىشى ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىشى، ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز ئادەملىرىنى تەربىيەلىشى، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى رولى، خەلقئارا ئورگانلارنى كونترول قىلىشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.