خىتاي تەھدىتى ياپونىيەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پاسسىپ مۇداپىيە يولىدىن يىراقلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.23

خىتاي تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ياپونىيەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن پاسسىپلىق سىياسىتى، يەنى پاسسىپ مۇداپىيە سىياسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئامېرىكا كابېللىق خەۋەرلەر تورى - CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بۇ يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدا رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈپلا قالماي، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكران رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەركىتىنى رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھەركىتى بىلەن ئوخشاش ئ‍ورۇنغا قويۇپ، دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

CNN نىڭ 23-ماي ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەر ئانالىزىدا، فۇمىئو كىشىدانىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن ئېلان قىلغان قوشما باياناتىدىمۇ بۇ نۇقتا ئەكس-ئەتكەن. باياناتتا «قەيەردە بولمىسۇن، بىز مەۋجۇت ھالەتنى كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشكە قاتتىق قارشى تۇرىمىز» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما «جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشى، مەجىبۇرلاش ۋە قورقۇتۇشقا دائىر خەۋەرلەردىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتىمىز» دەپ ئەسكەرتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا دۆلەت مۇداپىيە چىقىمىنى بىر پىرسەتتىن ئىككى پىرسەنتكە ئۆستۈرۈش توغرىسىدا خامچوت قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇپ، ش ئا ئە ت (NATO) ئەزالىرىغا ماسلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا «قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى» نى ئۈستۈرۈشنى ئ‍وتتورىغا قويۇشى، «ياپونىيەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن پاسسىپ سىياسىتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىسى» ئىكەن.

خەۋەردە يەنە ياپونىيەنىڭ ھەربىي چىقىمغا سېلىنمنى كۆپەيتىپلا قالماي، بەلكى دىپلوماتىيەنىمۇ ئىشقا سېلىپ، رايوندىكى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 24-ماي توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىمۇ ياپونىيەنىڭ «ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش» پىلانىغا ماس بىر بىرلەشمەسەپ تەشكىل قىلىشنى قوغلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.