ئامېرىكا خىتاينىڭ ھىندىستان ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچەيتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-25
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ئامېرىكانىڭ ئەسكەرلىرىنى ياۋروپادىن يۆتكىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن.

«ئامېرىكا مۇداپىئە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 25-ئىيۇن كۈنىدىكى «بىريۇسسېل مۇنبىرى» ناملىق سىن يىغىنىدا مۇخبىرلارنى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھازىر گېرمانىيەدىكى بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئازايتىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن قاتارلىق جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن بۇ رايونغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بىز ھازىرقى دەۋردىكى بۇ رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھالدا تەييارلاندۇق» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى يېقىندا تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا ئامېرىكا ھازىر 375 مىڭ ئەسكىرىنى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، رايوندىكى ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ كۈچىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشمە باش شىتابلىرىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مىللېي چارشەنبە كۈنى يەنى (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا رايوندىكى ھەربىي جىددىيلىك ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇش مۇقەررەر بولمىسىمۇ، ئەمما ئوفېتسىرلار ۋە ئەسكەرلەر يەنىلا خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دېڭىز ئارمىيەسى مەشغۇلات ئىشلىرى كاتىپى ئادمىرال مايكېل گىلداي دېڭىز ئارمىيىسى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي قىسقا مۇددەت ئىچىدە توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ دېگەن قاراشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت