خيۇ خيۇۋىت: «ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە ھەقىقىي تەھدىت خىتايدۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.28

ئامېرىكا جامائىتىگە ياخشى تونۇشلۇق بولغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ۋە مەشھۇر سىياسىي ئانالىزچى خيۇ خيۇۋىت (Hugh Hewitt) نۆۋەتتىكى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە ھەقىقىي مەنىدە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان زۇلمەتنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «ئامېرىكا خەلقى خىتايدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقىي تەھدىتكە قارشى بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە خۇي خيۇۋىت نۆۋەتتە خىتاينىڭ يالغۇز تەھدىتلا ئەمەس، يەنە زور خەتەرنىڭمۇ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي شەرھلىدى. ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى چۈشەنچىسىدە ھېلىھەم بىر قاتار كەمتۈكلۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تەپەككۇر باسقۇچىدا توختاپ قالغان بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئ‍ىزچىل كىلىمات مەسىلىسىدە ياكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە پىرقىراپ يۈرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ «ھازىر بىز ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت خىتايدۇر. بولۇپمۇ رەھىمسىزلىكتە تەڭدىشى تېپىلماس شى جىنپىڭ باشلاپ مېڭىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي ئامىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولۇش ھارپىسىدىكى سەۋىيەگە يېقىنلاپ قالدى» دەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ زور تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن 40 يىللىق «سوغۇق ئۇرۇش» داۋام قىلغان. ئەمما ئۆتكەن 25 يىلدا ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىدە بارلىققا كەلگەن زور ئۆزگىرىش خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، غەرەزلىك ھالدا ۋىرۇسنىڭ «قېچىپ كېتىشى» گە يول قويۇش، شۇنىڭدەك تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي ئىغۋاگەرلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن كېيىن ئاندىن باشلانغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىخۇدلۇق قىلغان ھەمدە بار دىققىتىنى ئىسلام ئاشقۇنلۇقىغا ئاتاپ ھالىدىن كەتكەن بۇ 25 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن مۇستەھكەم دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ بولغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئەمدى بىز ئەۋلادلىرىمىزغا بۇنداق ئېغىر يۈكنى قالدۇرۇپ كەتسەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پىكىر جەھەتتىكى ئىختىلاپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى بۇ ئورتاق تەھدىتكە قارشى ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى لازىم» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خام چوت ھېسابىنىڭ تېزدىن خىتايغا قارشى مۇداپىئە كۆرۈش ساھەسىگە مەركەزلىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.