ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى روبېرت ئاشلېي: خىتاي ئويلىغىنىمدىنمۇ چوڭ بىر تەھدىت

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.07

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات ئىشلىرى دىرېكتورى روبېرت ئاشلېي يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى ھەربىي خەۋپ-خەتەرلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا خىتاينى غەرب دۇنياسىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى، چوڭ بولغاندىمۇ ھازىرغا قەدەر پەرەز قىلىنىۋاتقاندىنمۇ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە تۈنۈگۈن، يەنى 6-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ھەربىي قورال ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

قىتئەلەر ئارا مۇساپىلىك ۋە ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك بىرقانچە تۈر يادرو قوراللىرىنىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنغان بۇ دوكلاتتا، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان «خىتاي چۈشى» ۋە خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنياغا خوجا بولۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خامچوتىنىڭ 8.1%, يەنى سەكرەش خاراكتېرلىك ئۆستۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالغان بۇ دوكلات ھەققىدىكى خەۋەرلەردە رۇسىيە ئۆتكەن ھەپتە، ئۆزلىرىدە ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى توسۇپ بولالمايدىغان قۇدرەتكە ئىگە يادرو قورالى بارلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.