ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-28
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتىدە فىرانسىيە بىلەن خىتاي تەھدىتى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېن مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا خىتاي باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ «چوڭقۇر غەيرىي لىبېرال ماھىيىتى» گە قارشى تۇرۇشتا ئاخىرى «ئوخشاش نۇقتىغا» كەلگەنلىكىنى ئېيتقان

بلىنكېن مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى سىرتتا قالدۇرۇش ياكى خىتاينى توسۇش ئەمەس. بىراق ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا كەلگەندە بىز ئورنىمىزدىن تۇرىمىز» دېگەن. بلىنكېن 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە ياۋروپادىكى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ۋاتىكان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ گېرمانىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، گېرمانىيە شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىدىن پايدىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بلىنكېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ فىرانسىيەدە پرېزىدېنت ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندە ھەر ئىككى تەرەپ ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئوخشاش بىر سەھىپىدە ئ‍تىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ، بلىنكېننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ‍ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 14-ئىيۇن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ‍ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى خىتاينى «سىستېمىلىق خىرىس» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ياۋروپانى زىيارەت قىلىشىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت