ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن «بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.09.06

ئامېرىكا دۆلەتلىك جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىك مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋىليام ئىۋانىنا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا يىللاردىن بېرى ۋاسىتە تاللىماي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىۋانىنا بۇ سۆزنى ئامېرىكىدىكى CBS خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ «خىتاي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي ئورگانلىرى، سودا-سانائەت، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىگە قاراتتى. خىتاينىڭ جاسۇسلۇق نىشانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ قارىتىلغان، ئەلۋەتتە،» دېگەن.

ۋىليام ئىۋانىنا سۆزىدە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ: «ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلىشتا ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماسلىقى بىزنى ئامالسىز قويۇۋاتىدۇ، فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى ئىچىدە خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان كىشىلەرنىڭ سانى قوش رەقەمگە يەتتى،» دېگەن.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جىددىي يوسۇندا ئاگاھلاندۇرماقتا.

بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېيمۇ بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولۇشتەك ئامىللارنى نەزەردە تۇتقاندا بۇنىڭغا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ۋىليام ئىۋانىنامۇ سۆزىدە «رۇسىيە ۋە ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي بىرىنچى نومۇرلۇق خەۋپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت،» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.