خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 3 نەپەر خىتاي تەنھەركەتچىنىڭ ئالتۇن مىدالىنى قايتۇرىېۋالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.01.13

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2008‏-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالغان 3 نەپەر خىتاي تەنھەركەتچىنىڭ مىدالىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مېدالى قايتۇرۇۋېلىنغان 3 ئايال تەنھەرىكەتچى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليۇ چۈنخوڭ، ساۋ شى، چېن شېيشيا قاتارلىق بۇ 3 خىتاي تەنھەركەتچىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن روھلاندۇرۇش دورىسى قوللانغانلىقى بايقالغان. مەركىزى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدىكى دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى بۇ 3 تەنھەرىكەتچىنى ئايرىم جازالىشى مۇمكىن. مەزكۇر ئورگان ئۆزىنىڭ باياناتىدا، ئەگەر دۆلەتتە 3 تەنھەرىكەتچىنىڭ دورا ئىشلەتكەنلىكى بايقالسا، بۇ دۆلەتكە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چەكلەش جازاسى بېرىلىدۇ، دېگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنكى ئۇقتۇرۇشىدا جەمئىي 8 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى جازالىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق رۇسىيە چويۇن توپ ماھىرى ئوستاپچۇق بار. بۇ قېتىم ئالتۇن مېدالى تارتىۋېلىنغان 3 نەپەر خىتاي ماھىرىدىن ليۇ چۈنخوڭ ئاياللار 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇم مېدالغا، ليۇ شيئېشيا 48 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا، ساۋ شى 75 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.