خىتاي تاجىكىستاننىڭ پامىر رايونىنىڭ «خىتاي زېمىنى» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا «قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى» نى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.08.03

خىتاي تاجىكىستاننىڭ پامىر رايونىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى «جېيمىستاۋن فوندى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئاشكارىلىشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خىتاي تارىخچىسى چو ياۋلۇنىڭ پامىر رايونى ھەققىدىكى بىر قانچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا تاجىكىستاننىنىڭ پامىر رايونىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، تاجىكىستاننىڭ ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بۇ زېمىنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن تۇنجى ماقالە ئەمەس.

بۇنىڭ ئالدىدا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارنىڭ بۇرۇن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قاچان خىتاينىڭ قوينىغا قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. «جېيمىستاۋن فوندى» نىڭ تورىدىكى ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەزكۇر رايونىدىكى سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىلا تەسىر قىلىپ قالمايدىكەن. ماقالىدە بۇنىڭ ئامېرىكادەك مەزكۇر رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتقان غەرب كۈچلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاجىكىستان بېيجىڭنىڭ بۇ ماقالىنى تەنقىد قىلىشىنى ۋە بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. ماقالىدە چو ياۋلۇنىڭ ماقالىسى بىلەن تاجىكىستاندا خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە بولغان ئەندىشە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجىكىستانغا چېگرىداش تاشقورغاندا ئايرودروم ياسىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ ئايرودرومنىڭ ساياھەتكە ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ رايونغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، بۇ تاجىكلاردىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.