ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 9 ئادەم «تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن جازالانغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.15

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 9 ئادەمنى «تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «ئىنتېرنېت ئۇچۇر باشقۇرۇش چارىلىرى» گە ئاساسەن جازالىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 9 ئادەمنىڭ ئارىسىدا 1 قازاق 3 خىتاي بولغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

خەۋەردە بۇلار ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان ئاتالمىش«دېلو» لارنىڭ خاراكتېرى شەرھلەنگەن، جاۋابكارنىڭ يېشى ۋە مىللىتى كۆرسىتىلگەندىن باشقا ھېچقايسىسىنىڭ تولۇق ئىسمى بېرىلمىگەن.

خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى 10 تۈرلۈك «قانۇنسىز ئۇچۇر تارتىش دېلوسى» نى بىر تەرەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا جاۋابكار ئۆتكەن يىلى مارتتا بىر تەرەپ قىلىنغان، قالغان توققۇزەيلەن بۇ يىل فېۋرالدىن ئاپرېلنىڭ بېشىغىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىكەن.

جاۋابكارلارنىڭ ئەڭ چوڭى 39 ياش، كىچىكى 22 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاق ۋە ئۇيغۇر جاۋابكارلارغا «تېررورلۇققا ئائىت ۋىدىيو تارقاتقان»، «ئەسەبىيلىككە ئائىت ئۇن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلىغان» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت رەسىملەرنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان بولسا، خىتاي جاۋابكارلارغا «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلغان.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا قورغاس ناھىيەسىدە قولغا ئېلىنغان 33 ياشلىق قازاق ياشقا ئۆتكەن يىلى مارتتا 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، بۇ يىل بىر تەرەپ قىلىنغان 9 كىشىنىڭ ھەممىسىگە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇندا تېررورلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ماددىلارنىڭ كەڭرىلىكى ۋە تېررورلۇققا بېرىلگەن شەرھلەرنىڭ مۈجمەللىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇلار، مەزكۇر قانۇننىڭ يەنىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر خىتاي پۇقراسىنى ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن ئۆتىدىغان تام ئاتلاش يۇمتالى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئالغان ۋە ئۇنىڭغىمۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن 15 كۈنلۈك مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.