سوفىيە رىچاردسون: خىتاي تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-20
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-يانۋاردىكى سانىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن باياناتى بېرىلدى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ ئېيتقان «جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭى بىر تەقىب قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك!» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە «خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان زېمىندا، ئىككى يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە 100 لەرچە ئىنسان ئۆلتۈرۈلدى. كىمكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ‹ئىسلامچىلار› دەپ ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت