ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.03

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ غايىب بولغانلىقى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى يۇقىرىقى مەسىلىلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، بۇ قىلمىشلار خەلقئارادا «مەدەنىيەت ياكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسى،» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. 3‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پەرھات روزى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت‏-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم يوقىرىقى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن. يىغىندا پەرھات روزى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، مەجبۇرىي «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى رەت قىلىپ، بۇ خەۋەرنى «ئاساسسىز، يالغانچىلىق بىلەن تولغان، پۈتۈنلەي سۇبيېكتىپ توقۇلما» دەپ ئەيىبلىگەن.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا 497 مىڭ يەرلىك مىللەت بالىسىنىڭ مەجبۇرىي «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلىسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بولغان بېغىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن پەرھات روزىنىڭ قارىشىچە، «ياتاقلىق مەكتەپلەر مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ چەت رايوندىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى» ئىكەن. ئۇ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە توختىلىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى ۋە خىزمەت تاپقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. 

يېقىندا «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا «خىتايغا سادىق كۆك ياقىلىق ئىشچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاي كارخانىلىرىنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە چاپچال ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى بىر ھۆججىتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدا «ئىشلەشنى خالىمىغانلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى شەخسىيەتچىل ئىدىيەنى تەنقىد قىلىشى» تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئاخبارات يىغىنىدا پەرھات روزى بۇ ھۆججەت ھەققىدە توختالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.