خىتاي ھۆكۈمىتى مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەنىڭ 11 نەپەر مۇخبىرىنى ئاتۇش، قەشقەر ۋە خوتەننى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.28

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەنىڭ 11 نەپەر مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش ئورۇنلىرى» نى زىيارەت قىلغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۈگۈن «ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيادىن كەلگەن مۇخبىرلار شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش تەدبىرلىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىندى» ماۋزۇسىدا خەۋەر تارقاتقان. خەۋەردە مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەركەزلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەڭ-كۇشادە سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەردىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى 24 ياشلىق نۇرئامىنە تۇرسۇن بۇ زىيارەتچى مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىدىن رادىكاللىق ۋە جىھاد تەشەببۇس قىلىنغان ۋىدىيولارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، يېزا كادىرلىرى ئەھۋالنى بايقاپ ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىنى ئۆگەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. 

خەۋەردە يەنە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 36 ياشلىق پەخىردىن تۇرسۇننىڭ مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ تېررورلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋىدىيولارنى دوستلىرىغا ئەۋەتكەنلىكى ۋە بىر دوستى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويغاندىن كېيىن بۇ مەركەزگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە دوستىنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ھىندونېزىيەلىك مۇخبىر زۇلفىيانى لۇبس پەخىر تۇرسۇندىن بۇ مەركەزدە تەربىيەلىنىۋاتقانلار ناماز ئوقالامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەخىر تۇرسۇن بۇ سوئالغا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىن چەكلەنگەن ئورۇنلاردا دىنىي پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. مۇخبىرلار كېيىن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتاقلىرىنى، تاماقخانىلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدى. مالايسىيالىق مۇخبىر رەھىمىي ئا رەھىم ‹يەرشارى ۋاقتى گېزىتى› گە بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ بۇ يەردە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى كۆردى.»

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە گەرچە يۇقىرىقىلارنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاخباراتتا بۇ ھەقتىكى زىيارەتلىرى ھەققىدە ئۆز دۆلىتىدە بىر نەرسە ئېلان قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭدا نېمە دېگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم. 

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت تەشۋىقاتلىرى خېلى بۇرۇنلا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مەسىلەن، ئاۋسترالىيەلىك خىتايشۇناس، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «دەۋر» گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئەينى يىللاردىكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي لاگېرلىرى ئۈچۈن قىلغان تەشۋىقاتلىرىدىكى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ چىققان.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ناتسىستلار گېرمانىيەسى ھۆكۈمىتىمۇ گېرمان خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلارنى ياساپ چىققان. بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدا لاگېرلاردىكى يەھۇدىيلارنىڭ تىككۈچىلىك قىلىۋاتقان، گىلەم توقۇۋاتقان، ھەرخىل پىشۇرۇقلارنى پىشۇرۇۋاتقانغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەتكەن. فىلىملاردا لاگېرلاردىكىلەرنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلەردىن ئىنتايىن خۇشاللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.