خىتاي 30 غا يېقىن دۆلەتتىكى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28-فېۋرال كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە چارشەنبە كۈنى 30 غا يېقىن دۆلەتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە تەۋە 200 ئەتراپىدا ۋەكىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتىنى، مەسچىتلەرنى ۋە شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسى قارمىقىدا ئېچىلغان يېڭى شېركەتلەرنى زىيارەت قىلغان. ئاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو بولسا بۇ مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە» دەپ سۆز قىلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار سەۋەبلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر 12-ئايدىن ئېتىبارەن پاكىستان، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ كەلمەكتە. 

يۇقىرىقى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرىنىڭ كونكرېت قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە پەقەت تۈركىيە كوممۇنىستلىرىدىن ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ باشلىقى دوغۇ پېرىنچەك، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى چاندىرا پراكاش، پېرۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى لۇئىس ئالبېرتو، سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ماركوۋىچ، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئالېكسى لېسكىن ۋە ئىئوردانىيە، پاكىستاننىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغان. 

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان چەتئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىقى بىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرىنى ۋە كوممۇنىست پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىماقچى بولغانلىقى بىھۇدە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت