خىتاي ج. خ. مىنىستېرلىقى ئۇيغۇر رايونىدىن بىرقانچە ئايال ساقچىنى مۇكاپاتلىغان، 2 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسىمۇ تەقدىرلەنگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-03-10
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 10-مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى «8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي بويىچە 53 ئايال ساقچىغا «2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىلار» نامىنى بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن 4 ئايال ساقچى بار ئىكەن. بۇلار يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئايشەمگۇل ھېمىت، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن بۈۋى رەيھان ھېكىمجان، سانجىدىن ۋاڭ رۇڭ، بىڭتۇەندىن ما يىڭلەن قاتارلىقلار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 6 ئايال ساقچى «ئالاھىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان» دەپ مۇكاپاتلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاقتۇ نەھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ئايگۈل ئايۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى DNA ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خوڭخۇا، بىڭتۇەن تۇمشۇق شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى شياۋخەيزى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇلپىيە ئابلەت قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى مۇكاپاتلانغان. بۇلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ئاتالمىش ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسىسى نيۇ رۇجى، سانجى ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى خۇيزۇ ئىمام ياڭ جې قاتارلىقلار بولۇپ، ھەر ئىككى ۋەكىل ئۇيغۇر رايونىدا «تىل مەدەنىيىتى ۋە دىن مەدەنىيىتى ئىتتىپاقلىقى» غا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق سىياسىتى ساقچىلارغا تايانغان بولۇپ، ئايال ساقچىلارمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىشلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مېڭىسى يۇيۇلۇپ، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان؛ بەزىلىرىنىڭ تەبىئىتى ئەسلىدىنلا بۇزۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «قەھرىمان» دەپ ئاتاپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەشكە ۋە داۋاملىق قەبىھلىشىشكە ئۈندەيدۇ. مۇكاپاتلانغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يۇمشاق كۈچ بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش» تاكتىكىسىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرى بولۇپ، بىرسى ئۆزىنىڭ ئىلمىنى، بىرسى ئۆزىنىڭ دىنىنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ساتىدۇ ۋە بۇ رايونىدا مىللەت، دىن ئايرىملىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت