خىتاينىڭ «ئالاھىدە يەسلى» تەشۋىقاتى دىققەت قوزغىدى
2021.04.06
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ خەۋىرىگە ئەگىشىپ نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى يەسلىلەرگە توپلىنىپ، كوللېكتىپ مېڭە يۇيۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مېيىپ ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى چوڭ خەۋەر قىلىپ تارقىتىشقا باشلىدى.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردىكى مېيىپلار مۇلازىمەت مەركىزى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە يەسلىدە ئاڭلاش ئىقتىدارىدا مەسىلە بار بولغان ئاتمىشقا يېقىن ئۇيغۇر بالا ناھايىتى ياخشى كۈتۈنمەكتە ئىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئالتە ياش بولۇپ، ئۇلار بۇ يەسلىدە باشقا يەسلىدىكى بالىلارغا ئوخشاش تىل ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بالىلار قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردىن توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قەيەردە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان خىتاينى ئەيىبلەش دۇنياۋى چۇقانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ‹ئالىيجاناب› ئىكەنلىكىنى پەش قىلماقچى» دېدى.