خوتەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بېيجىڭدىن «ياردەم» كېلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.05.05

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ياشلار فوندى بىلەن شىنجاڭ ياشلار فوندى بىرلىشىپ، خوتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە «ياردەم بۇيۇملىرى» ئىئانە قىلغان. «بېيجىڭدا ئائىلەم بار» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەت 2018-يىل باشلانغان بولۇپ، 4 يىلدىن بۇيان ئائىلىسى نامرات 62 ئوقۇغۇچىغا 3600 دىن ئارتۇق «ياردەم بۇيۇملىرى» ئىئانە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ «ياردەم بۇيۇملىرى» ئاساسەن ئۈستەل چىرىغى، كومپيۇتېر، بېيجىڭدىكى خان سارىيى ۋە باشقا داڭلىق ئاسارە-ئەتىقىلەر نەقىشلەنگەن ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدىكى تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدىكەن. بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خىتاي مۇدىرى مۇنداق دېگەن: «بۇ سوۋغاتلار قەدىرلىكتۇر، بۇ ياردەملەر بىباھادۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جەڭگىۋار ئىز باسارلارغا ئايلىنىدۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ».

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىدىيەسى قىزىللاشقان خىتاي مائارىپچىلىرىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپلەرگە كۇڭزى-مېڭزىلارنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ، سىنىپقا شى جىنپىڭلارنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە پارتىيە ئىدىيەسىنى كىتابتىن تارتىپ ئوقۇش قوراللىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدىن ئوي-خىياللىرىغىچە ھەممىنى كونترول قىلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن قىلچە بىخەۋەر بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلغان. «بېيجىڭدا ئائىلەم بار» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينى ياخشى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ھەۋەسلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر پائالىيەت بولۇپ، بېرىلگەن سوۋغاتلارنى «شېكەر يالىتىلغان زەھەر» دېيىشكە بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.