خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلار رايونىدا پارتىيىۋىلىك تەربىيىسىنى كېڭەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.26

يېقىنقى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدا كومپارتىيە نىزاملىرىنى ئۆگىنىش، پارتىيىۋى بىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقارغان.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىچە، 18-ماي كۈنى مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدا باشلانغان «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» نامىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدە مەزكۇر يېزىدىكى ئالتە يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزاسى «پارتىيە ئىزنىكى تاقاش، پارتىيە نىزامنامىسىنى قولدا كۆچۈرۈش، پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسىنى يۈرەككە ئورنىتىش» دېگەن تەلەپلەر بويىچە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىنى يادلىغان. ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەرياندا ھەتتا «توي كېچىسى پارتىيە نىزامنامىسىنى قولدا كۆچۈرۈپ چىقىش» پائالىيىتى ئوتتۇرىغا چىققان.

«خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلىرى» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بېي لىڭ 25-ماي كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھازىر ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلاردا زور كۈچ بىلەن ئومۇملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ھېچقانداق جەلپكارلىقى قالمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ خىل شەكىلۋازلىقلار ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈردى ھەمدە «بۇ ئەھۋاللار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر ئېغىر بۆھراندا قالغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.