خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم چەتئەللەردىكى ‍ئۇيغۇرلارنى قارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.02

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى پارچە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ‍ئۇيغۇرلارنى «يالغان خەۋەر تارقاتماقتا،» دەپ ئەيىبلىدى.

1-ئىيۇن كۈنىدىكى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى «كۇرسانتلار» نىڭ پۈتۈنلەي جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ مەركەزلەردە بىرمۇ ئادەم قالمىغان تۇرسا قانداقسىغا تاجسىمان ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ خېيىم-خەتىرى مەۋجۇت بولسۇن؟» دەپ سوئال قويغان. سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مۇتەللىپ روزى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. شۇنداقلا بۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى «شەرقىي تۈركىستانچى دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ دۇنيانى ۋىرۇس قاپلىغان بىر پەيتنى غەنىيمەت بىلىپ خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئويناۋاتقان ‍ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، بۇ جايلاردا ۋىرۇس يۇقۇشتىن ئەنسىرەيدىغان بىرمۇ تۇتقۇننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ 2-ئىيۇندىكى ماقالىسىدە بولسا «چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانچى دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىناق ۋە ئېجىل مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن رامازان چەكلىمىسى ھەققىدىكى بىر قاتار يالغانلارنى توقۇپ چىققان،» دېيىلگەن. ماقالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى ۋە قىسقا ۋىدىيولىرىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، «شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ھوقۇقى بار. كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان ۋىدېيولۇق خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا باش كىيىم كىيگۈدەك ھەقلىرىنىڭمۇ قالمىغانلىقى ئاشكارا مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدىمۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ رامازان تۇتۇش ئەمەس، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالدا ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم ئاشكارا بولغان. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ تەرىقىدە ‹يالغاننى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ› دېگەننى سىناق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى يالغانلار ھەقىقەتكە ئايلانمايدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.