خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا گېزىتلىرىگە بەرگەن «غەرەزلىك» ئېلانلىرى 19 مىليون دوللارغا يەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى چوڭ مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا خىتاينى تەشۋىق قىلىش ۋە ئامېرىكادا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇيغۇ پەيدا قىلىشنى كۆزلىگەن ھالدا بەرگەن ئېلانلىرى ئۆتكەن تۆت يىلدا 19 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

«زور خەۋەرلەر تورى» نىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئىنگلىزچە «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتى ئامېرىكادىكى ھەممىگە مەلۇملۇق «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش مىليون دوللارچە ئېلان بەرگەن. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسەدىكى ئىنگلىزچە ماقالىلەر بېسىلغان «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتى ئاشۇ دۇنياۋى گېزىتلەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ تارقىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئادەتتە ھېچكىم سېتىۋېلىپ ئوقۇمايدىغان بۇ گېزىت «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ياكى «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنى ئالغانلارنىڭ قولىغا چىقىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گېزىتلىرىدە غەرەزلىك ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلەر ئاسترىتتىن ئامېرىكالىقلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكلەش رولىنى ئوينىغان. مەسىلەن، «تاموژنا بېجى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا زىيانلىق» دېگەن ماقالىدا ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇشى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ياغاچلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىۋېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى شەرھىلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولغان چوڭ گېزىتلەرنىڭ ھەممسىلا دېگۈدەك خىتاي ھەققىدىكى تۈرلۈك ئېلانلارنى بېسىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دېموكراتلىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا گېزىتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكادا خىتاينى تەشۋىق قىلماقتا» دېمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت