خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايشىيا زىيارىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.06.20

ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە زور تۇتقۇن مەسىلىسىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىۋاتقاندا مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالايىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ مالايشىياغا ئەۋەتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك ئامىللىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا نامراتلىقنى چۆرۈپ تاشلاش» قا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

مالايشىيادا چىقىدىغان «چولپان» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بەيچىڭ باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك «ھۆكۈمىتىمىز ھەر يىلى شىنجاڭغا 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ. بىز مۇشۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى 19 شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاۋاتىمىز» دېگەن. ھالبۇكى، ئالاقىدار ماتېرىياللار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا سالغان غايەت زور ساندىكى مەبلىغىنىڭ ماھىيەتتە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇشقا سەرپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

مەزكۇر ئۆمەك مالايشىيادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى «تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈچۈن قانداق جان پىدالىق قىلىۋاتقانلىقى، غەرب دۇنياسىدىكى بىر قاتار ساختا ئۇچۇرلارنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلەپ چۈشەنچە بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەك تەركىبىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىردەك «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىسى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئىكەن. ئۇ زىيارەت جەريانىدا «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىۋاتقانلىقىغا ھەسەت ئوتلىرى قايناپ تاشقان بىر تۈركۈم ئىچى يامان دۆلەتلەر شىنجاڭ ھەققىدە بىر پاتمان يالغان-ياۋىداقلارنى تارقاتماقتا،» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تەڭداشسىز دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، مىڭلىغان مەسچىتلەر ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارى ئىزچىل ھالدا «يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.