خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقاندا خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سالغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، 2018-يىلى 31-دېكابىرغا قەدەر رايوندىكى «خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى» بىر مىليون 612 مىڭ 400 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەر 622 مىڭ 500 ئادەم بولغان. بۇ ئومۇمىي ساننىڭ 38. 61 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان «خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى» جەمئىي 76 مىڭ 862 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭدا يەرلىك مىللەتلەر جەمئىي 43 مىڭ 997 ئادەم بولغان. بۇ ئومۇمىي ساننىڭ 57. 24 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان.

يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە جان-دىلى بىلەن ئىشلىگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ سانىلىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەردىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى پەردازلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دۇمبىقىنى چالىدىغان «ھۇرراچىلار» نى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت