خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى بىر كونسۇلخانىسى ئامېرىكىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «2018‏-يىلى جۇڭگونى ھېس قىلىش- جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئامېرىكا سەپىرى» ناملىق پائالىيەت 29‏-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىنىڭ خيۇستون شەھىرىدە باشلانغان. مەزكۇر پائالىيەت خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىنكى پائالىيەت فلورىدا شتاتىنىڭ مايامى شەھىرىدە داۋاملىشىدىكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر پائالىيىتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاقساراينىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىۋالغان ئاز دېگەندە مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلاپ خېلى زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلدە باشلانغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت ۋە غەرب ئەللىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى دىققەت قوزغاشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاش ھەرىكىتى كۈچەيگەن.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىغان ئىدى.

خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە غەربىي رايونغا ئائىت رەسىملەر، مىللىي كىيىم-كېچەكلەر، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ۋە كىنو-فىلىملەر كۆرگەزمە قىلىنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق غەربىي رايوننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مىللىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ «خىتاينى ۋە خىتاينىڭ غەربىنى چۈشىنىشىگە روجەك ئېچىپ بېرىلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. لېكىن بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا بولغان دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسۇلخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت