«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى: «ئەگەر خىتاينىڭ تەشۋىقاتى كونترول قىلىنمىسا بۇنىڭ زىيىنىنى پۈتۈن ئامېرىكالىقلار تارتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.08.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە 21-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئەگەر خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدىكى تەشۋىقاتى كونترول قىلىنمىسا، بۇنىڭ زىيىنىنى پۈتۈن ئامېرىكالىقلارنىڭ تارتىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىليونلىغان كىشىلەر بىرىنچى قول خەۋەر مەنبەسى سۈپىتىدە خىتاي تەشۋىقات تاراتقۇلىرىغا تايانماقتىكەن. «خىتاينىڭ تەشۋىقاتى غەربكە قانداق تەسىر قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنى ئامېرىكادىكى جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى پائۇل نىتزې زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى سېت كاپلان قەلەمگە ئالغان.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ نەچچە ئون يىللاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا خىتايچە سۆزلىشىدىغان مىليونلىغان ئامېرىكىلىق بېيجىڭنىڭ تەشۋىقات تاراتقۇلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى قول خەۋەر مەنبەسى سۈپىتىدە تايانماقتىكەن. ماقالىدا خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى كېچە-كۈندۈز شاتۇتىدەك كرېمىل سارىيىنىڭ يالغانچىلىقىنى تەكرارلاپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكادا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا قانچىلىك ئۇتۇقلۇق بولۇپ كەلگەنلىكى تېخى ئانچە بىلىنمىگەن ئەھۋال ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «SinoVision» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى، «مۇھاجىرلار» گېزىتى، «يۇلتۇزلۇق ئارال» گېزىتى، دوۋېي ئاگېنتلىقى تورى، خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى تارقىتىشتا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىماقتىكەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ «ئۈندىدار» ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىنىڭمۇ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا ئاۋانگارتلىق رول ئوينايدىغانلىقى، «ئۈندىدار» نىڭ ئامېرىكادا 19 مىليون كۈندىلىك ئىشلەتكۈچىسى بارلىقى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتىكى قىممەتلىك قورالغا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلاردىن خىتاي ياكى خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلاشنى، كومپارتىيەنىڭ تەسىرىدىكى تاراتقۇلارنى سېتىشنى ياكى تاقاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.