ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى تەنقىد قىلدى
2020.09.10
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي براندستاند خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» گە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئەۋەتكەن. بىراق مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىر ھەيئىتى ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا باش ئەلچى تېررىي براندستاندنىڭ ماقالىسىدە ئەسلى ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق سۆزلەر بارلىقىنى، يەنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ چوقۇم چەكلىمىسز مۇنازىرە قىلالىشى ۋە چەكلىمىسىز ھالدا ئالاقە ئورنىتىشى تەكىتلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ن ئەڭ چوڭ كانىيى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ مۇشۇنچىلىك بىر ماقالىنىمۇ ئېلان قىلالمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، مۇنداق دېگەن:
«‹خەلق گېزىتى› نىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىدىن ۋە كۈچلۈك ئەقلىي مۇنازىرىلەردىن قانچىلىك دەرىجىدە قورقىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەردىن ئادىل مۇئامىلە تەلەپ قىلىپ جېدەل قىلىدىغان بېيجىڭنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.»
مايك پومپېيو سۆزىنىڭ داۋامىدا بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىشەنچكە تولغان دېموكراتىيەدىن تولۇق پايدىلىنىپ يىللاردىن ئامېرىكا خەلقى بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىش، ئەركىن تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تارقىتىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيلا بۇ يىل ئامېرىكانىڭ ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› ۋە ‹سىياسىيون› قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا بەش پارچە ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە CNN ۋە CBS تېلېۋىزىيەلىرىگە مەخسۇس زىيارەت بەردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى› ۋە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق دۆلەت ئىلىكىدىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى دائىم تۋىتتەر ۋە فاچەبووك قاتارلىق ئامېرىكانىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىپ، بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا ۋە پىكىر ئەركىنلىكىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، ئۇلار باشقا دېموكراتىك ئەللەردىمۇ شۇنداق قىلدى.»
مايك پومپېيو باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئەگەر دۇنيا بىلەن سەمىمىي ئالاقە ئورنىتىشنى خالىسا، ئۇ ھالدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتايدا ئوخشاش پۇرسەتلەرگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا، چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇ: «ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلق سايلىمىغان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىدىن ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى باھالىشىدىن نەقەدەر قورقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن.