ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى 5000 دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىغا «دىنى رادىكاللىقتىن يىراقلىشىش» تەربىيىسى بېرىلگەن
2016.09.22
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» سىياسىي تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى 5000 دىن ئوشۇق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى «رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى» دەپ قارايدىغان يوسۇندا كىيىندۈرۈلگەن، بېشىغا ياغلىق ئارتىلغان، بۇرقا كىيىندۈرۈلگەن قونچاق مودېللارنى، يۈزىنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا ئېتىۋالغان ئاياللارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە شۇنداقلا ھەرخىل كىتاب ۋە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەزمە قىلدۇرغان.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى رادىكاللارنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئېڭى ئاشۇرۇلدى، دېيىلگەن.
ئاقتۇ ناھىيىسى ئۇيغۇرلار ۋە قىرغىزلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا 1990-يىلىدىكى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن سەزگۈر جايلارنىڭ بىرى. شۇڭا بۇ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقات تاختىلىرىدا يۈزىنى ئوراشنى، ئۇزۇن كىيىم كىيىشنى ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن ساقال قويغان ئەرلەرنى رادىكاللىق ۋە ھەتتا تېررورچى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالامىتى دەپ كۆرسىتىدىغان رەسىملەر ئىلگىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىنى «رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق» نىڭ ئىپادىسى دەپ قاراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.









