خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار بەختلىك» تەشۋىقاتى ئاخبارات يىغىنلىرى كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.11.11

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۈرۈمچى ۋە ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا سىن ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سىن يىغىنىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتاينىڭ ئىتالىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى «ئىشەنچلىك ۋە نوپۇزلۇق» ئۇچۇر مەنبەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى توغرىلىق سورىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۇ خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقارغان. 3-نويابىر فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ فرانسىيەدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ تور يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار يىغىندا «ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى»، غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېيىلىۋاتقانلارنىڭ پۈتۈنلەي «يالغان» ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان.

بۇخىل تەشۋىقاتلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئەيىبلەشنى كۈچەيتكەن ۋە ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك پاكىتلارنى ئاساسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىغان.

سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى نائومى كىكولېر خانىم ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارغا «شۇ تاپتىكى ھەربىر مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى، ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز كىملىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ.» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.