ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى «خىتاي چۈشى» تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-17
Share

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشى بولۇپ كەلگەنىدى. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرىنى ھەرقايسى جايلاردا «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇيغۇر ناخشىچىلاردىن تۈزۈلگەن «ئانارنىڭ دانىسى» نامىدىكى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى لوپنۇر ناھىيەسىگە بارغان. ئۇلار بۇ جايدا «خىتاي چۈشى» تېمىسىدىكى تەشۋىقات ئۈچۈن «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» نى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر قاتار زامانىۋى ناخشا ۋە درامىلارنى ئورۇندىغان. خەۋەردە گەرچە ناخشىچىلارنىڭ «لەرزان مۇقام كۈيلىرىنى ئورۇنلىغانلىقى» ئېيتىلغان بولسىمۇ ئەمما ناخشىلارنىڭ ماۋزۇسى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي قويۇق سىياسىي پۇراققا ئىگە «ھازىرقى زامان خىتايچە ناخشىلار» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خەۋەردىمۇ ئالاھىدە قىلىپ بۇ قېتىمقى ئ‍ويۇن قويۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «پارتىيە تارىخى» ھەققىدىكى بىلىملەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسىنى «ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يۈرەك قېتىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.

مۇقاملار ۋە 12 مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي مىللىي مۇزىكىسى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى، خىتاي كومپارتىيەسى، ھەتتا مانجۇ-چىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تارىخچىلار تەرىپىدىن يەكۈنلەنگەن ھۆكۈمدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتە «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش» دېگەن نامدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكلەر بىر-بىرلەپ يوقىتىلماقتىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا بىر قىسىم مۇقام كۈيلىرىنىڭ خىتايچە تېكىست ئاساسىدا خىتايچە ئورۇندىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت