دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كادىرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.11.21

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ياش خىتاي كادىرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.

شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش خىتاي كادىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن» ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يىللىرىدا ئۈرۈمچىدە ‹ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى› كۆتۈرۈلدى. 1990-يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا-تىجارەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىدە ‹رۇس تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى› پەيدا بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ تەكىتلىنىشىگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇ كادىرلار ئارىسىدا ‹ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى› كۆتۈرۈلمەكتە.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى چېن يۈخۋا ئىسىملىك بىر خىتاي كىشى ئۈرۈمچىدە «سەرخوش ئۇيغۇر تىلى» ناملىق تىل تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان ئىكەن. بۇ كۇرستا ھازىرغا قەدەر 3 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كۇرسانتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەنلىكى مەلۇم.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاراتقۇلىرى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا مۇئەييەن بىر سىياسىي مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئەگەردە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان خىتايلار بار دېيىلسە، ئۇلار پەقەتلا ئۆسۈشنى مەقسەت قىلغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش خىتاي كادىرلىرى بولۇشى مۇمكىن. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش ‹قوش تىللىق مائارىپ› ئىستېراتېگىيەسىدە تاشقى دۇنياغا بالانس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى پەش قىلغان، خالاس.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.