خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيەدە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.23

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە چەتئەللەردە بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «بەختىيارلىق» ۋە «شادىمانلىق» قا تولغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. يېقىندا ئەنە شۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوساكا شەھرىدىكى كونسۇلخانىسى «خىتاينى چۈشىنىش» تېمىسىدىكى يەتتىنچى مەيدان لېكسىيەنى باشلىغان ھەمدە بۇنىڭغا «ياپونىيە جامائىتىگە ھەقىقى شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ ۋە ئېلىجان ئانايەت مەخسۇس سۆز قىلىپ «شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات» تېمىسىدا لېكسىيە بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۈ گۇيشياڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «سىز دەۋاتقان ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئەمەلىيەتتە بىر مەكتەپ. ئۇ جايدا قانۇن تەربىيەسى ۋە باشقا بىلىملەر ئۆگىتىلىدۇ» دېگەن. ئېلىجان ئانايەت بولسا لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرىنى «پۈتۈنلەي بىلجىرلىغانلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى لاگېرلارغا قامالغانلار ئارىسىدا ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلىرى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق «تەربىيەلەش» كە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى نامايەن قىلغانىدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ لاگېرغا قامالغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەجرىبىلىك دوختۇر ئىكەنلىكىنى، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەر ئارىسىدا بۇنداق يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.