خىتاينىڭ يىغىن تەشۋىقاتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-01-06
Share

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغىنىغا 3 ئايغا يېقىن بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزۈش يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلار بىلەن ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن روھىنى ياڭراتقۇلار بىلەن يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالى، ھەتتا ئۈرۈمچى شەھىرىگىمۇ ئومۇملاشقان. 

خەۋەردە ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى شۇنداق بىر سىستېمىدىن مىسلا قىلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ناھىيە يىغىن ئاخىرلاشقاندىن بېرى يىغىن خەۋەرلىرىنى يۇقىرى ئاۋازلىق سىملىق رادىئو ئارقىلىق ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي قايتا-قايتا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى 18-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ خىل ئاڭلىتىش ئۇسۇلى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى ناھىيە-يېزىلارغىچە ئومۇملاشقان. 

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن مىڭلىغان ئۇيغۇر قانۇنسىز تۇتۇپ تۇتۇش ئورۇنلىرىغا بەند قىلىنغان بۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇنداق بىر تەشۋىقات ئۇسۇلى بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغانلىقى بىلدۈردى. 

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قۇرۇق شوئارلار بىلەن ئالداشنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئايلاردىن بېرى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 

ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە يەنە، چېن چۇەنگو 2016-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتكەن ھەمدە ناھىيە-ناھىيەلەردە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قامىۋالغان.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتە بىر «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت