«خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.05

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان. ئۇلار يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ يېقىن چېگرالىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقان سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ھەدەپ ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى تالېنت، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى پەيدىن-پەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ياۋروپانىڭ ئىنكاسى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بىر قاتار تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن.

دوكلات بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا برۇكىڭ ئىنستىتۇتى، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى، خەلقئارا تەيۋەن ئىنستىتۇتى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، «دىپلومات» ژۇرنىلى ۋە جېيمىس تاۋن فوندى قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.