ئىككى خىتاي تەتقاتچى ئامېرىكا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.12.14


ئىككى نەپەر خىتاي يېزا ئىگىلىك تەتقىقاتچىسى ئامېرىكىدا تەتقىق قىلىنغان ئالىي سورتلۇق ئۇرۇق ئەۋرىشكىلىرىنى خىتاي تەرەپكە مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، سوتقا تارتىلدى.

جاڭ ۋېيچياڭ ۋە يېڭى ۋېنگۈي قاتارلىق بۇ ئىككىيلەن ئامېرىكنىڭ كانزاس شتاتى ئاركانساس شەھىرىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، جۈمە كۈنى بۇلار ئۇستىدىن سوت ئېچىلدى.

ئاركانساس شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى تەتقىقاتچى بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكىنى مەزكۇر تەتقىقات ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. بۇ ئۆمەك زىيارىتىنى تۈگىتىپ خىتايغا قايتىشىدا ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرى بۇلارنىڭ سومكىسىدىن يۇقىرىقى ئۇرۇق ئەۋرىشكىلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى توسۇپ قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاي تەتقاتچىلار سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانزاستىكى تەتقىقات مەركىزىي جەمئىي 75 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، يۇقىرىدىكى ئالىي سورتلۇق ئۇرۇقلارنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئەگەر بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىك ئاشكارىلانسا بۇ يۇقىرىقى شىركەتكە زور ئىقتىسادىي زىيان سالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.