«14 - مارت لاسا ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى 101 تىبەتنى ئېتىۋەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.08.23


رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دارامسالادىكى تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان بىر مەخپىي ھۆججەتكە قارىغاندا 2008 - يىلىدىكى «14 - مارت لاسا ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئېتىۋەتكەن تىبەت نامايىشچىنىڭ سانى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 101 دىن ئاشىدىكەن.

مەزكۇر سانلىق مەلۇمات لاسا ج خ ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش بۆلۈمىنىڭ تېخنىكىلىق باھالاش خۇلاسىسى ۋە ئۆلگەنلەر ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان مەخپىي تىزىملىكتىن ئېلىنغان.

تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىرىنجيېنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، لاسا دەپىنە ئىدارىسى تۇرغۇزغان يەنە بىر تىزىملىكتە ئۆلتۈرۈلگەن 26 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. بۇنىڭدا بىر ئەرگە 17 پاي، يەنە ئىككى ئايالغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 پاي ۋە 8 پاي ئوق تەگكەن ئىكەن.

ئۇ: شۇنىسى ئېنىقكى دائىرىلەر ئەينى چاغدا نامايىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن پىلىموت ئىشلەتكەن، دېدى.

ئۇ يەنە، ئەينى يىلى خىتاي بايانچىسى چىڭگاڭنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغانلىقى ۋە ھېچقانداق ئادەم ئولتۇرىدىغان قورال ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسلەپ: بۇ مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولىمۇ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى.

خىتاي ئاخباراتلىرى ئەينى يىلى پەقەت تىبەت نامايىشچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى دۇكان - سارايلارنى ئۇرۇپ - چاققانلىقىنىلا خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.