خىتاي كورلا بىلەن چىڭخەينىڭ گولمۇد شەھىرى ئارىسىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.04

خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان شۇنىڭدەك ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۈچىنچى تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان كورلا شەھىرىدىن بىۋاسىتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا رېلىس ياتقۇزۇش باشلانغان.

مەزكۇر لىنىيەنىڭ ئومۇمى مۇساپىسى 1213 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى كورلا شەھىرىدىن باشلىنىپ، تارىم ئويمانلىقى يۆنىلىشى بويىچە، لوپنۇر، تىكەنلىك، چاقىلىق، ۋە مىران قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى گولمۇد شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن. مەزكۇر تۆمۈر يولنى خىتاي قاتناش دائىرىلىرى ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇ ئارىسىدىكى ئاساسىي لىنىيەدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم جەنۇبىي يول دەپ ئاتىغان.

مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى قىسمى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تارىم ۋادىسى ئەتراپى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە دېڭىز ياقىلىرى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان بولۇپ، بىر ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ قەشقەر -پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى ئارقىلىق ھىندى ئوكيان بويلىرى بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئېگىلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشىدە، يەنى، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەن ئاھالىسىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى رايونلىرىغا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 36.5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر يولنى تېز پۈتتۈرۈش ۋە 2020-يىلى قاتناش باشلاش پىلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.