خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە توقۇمىچىلىققا زور مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-18
Share

خىتاي 3 مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يەن چىنىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا كۆرسىتىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالغا سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە بىر قىسمىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ مەبلەغ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئولتۇراق ۋە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا سانائەت ئەسلىھەلىرىنى بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى قۇرۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، يەرلىك تۇرمۇشى ئۇسۇلى، سۇ، مۇھىت ۋە باشقا جەھەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چەتكە قاقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دائىرىلەر توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا يەرلىك پاختا، ئېلېكتر قاتارلىق جەھەتلەردە قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ خىتاينىڭ پاختا زاپىسى 12 مىليون توننىغا يېتىپ، پاختا سېتىۋېلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى. خىتاي توقۇمىچىلىق كېڭىشىنىڭ بىر مەسئۇلى خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلەپ فابرىكا ئېچىپ، ئەرزان پاختىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت